• ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،بىلىم ئېلىش يۇلىدا ئىزدىنىۋاتقان قېرىنداشلىرىم،ئاللاھ ئىگەم ئىرادەڭلەرگە مەدەت بەرسۇن.

    بۈگۈن مەكتىپىمىزنىڭ چەتئەلدە ئوقۇش ئۇچۇرلىرى مەركىزىگە بېرىپ ئۇيغۇرلارغا تولىمۇ ماس كىلىدىغان بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم.بۇنداق پۇرسەتلەرنىڭ باشقا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭمۇ ئېرىشىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ شۇ ھامان بىزگە ئالاقىدار جايلىرىنى ئۈزۈندە قىلىپ ئېلان قىلدىم.قىزىقىدىغانلار كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.

     

    مەكتەپ ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە:

    نېۋكاستېل ئۇنىۋېرسىتىتى بولسا يېقىندىن بىرى تەرەققىياتى ناھايىتى ياخشى بولغان خەلىقئارالاشقان ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ئالىي مەكتەپ،شۇنداقلا ئاۋسىترالىيەدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تەتقىقات ئۇنىۋېرسىتىتى.بۇ مەكتەپ تەتقىقات ڧوندى ھەمدە تەتقىقات نەتىجىسى جەھەتتە دۆلەت بۇيىچە 9-ئورۇندا تۇرىدىكەن.

     

    ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ھەققىدە:

     

    بۇ مۇكاپات پۇلى ئاۋسىترالىيە نېۋكاستېل ئۇنىۋېرسىتىتى بىلەن جۇڭگو دۆلەتلىك چەتتە ئوقۇيدىغانلار ڧوندى باشقۇرۇش كومىتتىتى بىرلىشىپ باشقۇرۇدىغان ڧوند بولۇپ،جۇڭگۇدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا بىرىلىدىكەن.ھەريىلى تەخمىنەن 50 نەپەر جۇڭگۇلۇق بۇ مۇكاپاتتىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.(ئىنشائاللا،50نىڭ ئىچىگە بىزدىن بىرەرى كىرىپ قالار)

     

     

    داۋامىنى مەزكۇر يازمىدىن كۆرۈڭ

  • رەئىس نۇر بەكرىگە تەڭرىتاغ تورى ‹‹ رەئىسكە خەت ›› سەھىپىسى ئارقىلىق،
    تۆۋەندىكى تەكلىپ سۇنۇلدى.

    سالام رەئىس ئالىيلىرى،

    كەمىنە ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپىنى پۈتتۈرۈپ،ئىچكىرىدە،مەلۇم ئالىي مەكتەپتە
    ئوقۇۋاتقان سىتۇدېنت.ئى...

  •  يامغۇرلار تاراسلاپ يېغىۋاتقان ئاشۇ كۈنى ئارقىڭغا بۇرۇلۇپ قويمايلا كېتىپ قالغانىدىڭ گۈلۈم.ئايمۇ قىيا باقاي دەپ ئويلىدى دەيمەن،قاپقارا بۇلۇتلار ئارىسىدىن مارىلاپ.يامغۇرلار ھىچ توختاي دېمىدى،ئىچى ئاغرىغاندۇ ماڭا بەلكىم،ياشلىرىمنى كۆرسەتمەسلىك ...
  •  

    <<تۇغۇلغان كۈن>>(ئا.ئابدۇرېھىم)نى رۇس دوستۇمغا قۇتۇپ بىرىۋىدىم،ئۇكۈلدى...
    <<ھىجران>>(پ.تۇرسۇن)نى تۈرك دوستۇمغا قۇتۇپ بىرىۋىدىم،ئۇ ھەيران قالدى....
    <<يۇلتۇز چولپان>>(پىرچەنگى)نى قازاق دوستۇمغا قۇيۇپ بىرىۋىدىم،ئۇ تىللىدى...
    <<مېنى ئويناتما>>(شىرئەلى)نى ئىنگىلىز دوستۇمغا قۇتۇپ بىرىۋىدىم،ئۇ شۈكلەندى...
    <<ۋىسال>>(ئەنۋەر)نى ھىندى دوستۇمغا قۇتۇپ بىرىۋىدىم،ئۇ نىمە قىلىشنى بىلمىدى...
    -----
    ئۆزبېكچە ناخشىلارنى <<بىز دىگەن بىر مىللەت>>دەپ تۇرۇپ ئېيتىۋەردۇق.
    خەقنىڭكىنى ئېيىتقانلارنى تېخى<<ئۇلاردىن ياخشى،ئاشۇرۇپ ئېيتتى>>دەپ يەل بەردۇق.
    خەقنىڭكىنى ئېيىتقانلارنى <<بوپتۇ،خەقنىڭكىنى ئېيتىپ تۇرۇپ ئۆگىنىدۇ>>دەپ مەدەت بەردۇق.
    خەقنىڭكىنى ئېيىتقانلارنى <<بۇمۇ بىر سەنئەت>>دەپ ئاقلاشدۇق.
    ھەي،ئەمدى ئامال يوق،ئەمدى خەق قوپۇپ بىزنىڭكىنى ئېيتىشدى.بىز قوپۇپ ئۇلاردىن پەخىرلەندۇق....

  • گۈليارىخان (ناخشا تېكىسىتى)
     مەردان تاتلىق

    گۈلۈم گۈليار ئەمەسمۇ ئا،يۇرتۇم قەشقەر ئەمەسمۇ.
    ئا بىزنى يامان دىگەنلەر،ئۆزى ۋەيران ئەمەسمۇ.
    گۈليارىخان بويلارىڭ ساز ۋاي دادەي....

    سۆزەك قىلما دىگەنلەر ئا،سەتەڭنى تاللاپ سۆيگەنلەر،
    ئايدا يىلدا كەپ قويۇپ،يۈرەك باغرىمنى ئەزگەنلەر،
    گۈليارىخان بويلارىڭ ساز ۋاي دادەي....

  • يېڭى يىلىمىز نەۋرۇز مۇناسىۋىتى بىلەن شۇنداقلا تۇرايىمىزنى قوللاپ بىرىۋاتقان تورداشلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن يېڭىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىققان << باھاردىكى كۆل >> دەپ نام قويغان ئۇسلۇبنى تارقاتماقچى بۇلىۋاتىمىز.

    كۆك رەڭنى ئاساس بۇ ئۇسلۇبنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش جەريانىدا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن بارلىق خەت نۇسقىلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئوخشاش قىلىپ تەڭشىدىم ھەمدە بۇرۇن تارقاتقان ئۇسلۇبلارغا ئوخشاشلا بىۋاستە ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش كودى ۋە ئايرىم بەت ئۇلىنىش كودىنى قۇشۇۋەتتىم.بلوگباس تەمىنلىگەن ئېلانلارمۇ شۇ پېتى قالدى،ئىشلەتكۈچىلەر ئۆز ئىھتىياجىغا قاراپ چىقىرىۋېتىشنى ياكى ساقلاپ قېلىشنى تاللىسا بۇلىدۇ.

    ئۇسلۇبنى سىناش جەريانىدا ھىچقانداق نورمالسىزلىق كۆرۈنمىدى.ئىشلەتكۈچىلەر ئىشلىتىش جەريانىدا بىرەر نورمالسىزلىق بايقىساڭلار شۇ ھامان خەۋەردار قىلىپ قويساڭلا...

     

    داۋامىنى مەزكۇر يازمىدىن كۆرۈڭ . . .